خەيرىلىك كەچ تورداشلار ...
بۈگۈن يەنە بىر توربەت بىزەش ھۈنىرىدىن بىرنى ئىلىپ كەلدىم ، ياقتۇرغان بولساڭلار تارقىتىپ قوللاپ قويشڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن ~~
ۋوردپىرىس بىلوگ توربىكتىدە مائۇس سىنبەلگىسى شەكلىنى ئۆزگەرتىش
1.قەدەم
ئەڭ ئاۋال بىز مائۇس سىنبەلگىسنىڭ cur.** فورماتىدكى ھۆججىتىنى چۈشىرىۋالىمىز .
2 تال چۈشىرىمىز ، بىرى مائۇسنىڭ ئادەتتكى ھالىتى ، يەنە بىرى ئۇلانما ئۈستىگە كەلگەندە كۆرىنىدىغان ھالىتى بولىدۇ .
تورداشلارغا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن مەن ئىزدەپ تاپقان توربىكەتنى ھەمبەھرلەپ قويدۇم .
مائۇس سىنبەلگىلىرىنى چۈشۈرگەن توربەت --- 致美化
ئۇلانمىنى بىسپ مۇشۇ توربەتتىن چۈشۈرسڭىزمۇ بولىدۇ ۋە ياكى بەيدۇدىن ئىزدەپ ئۆزىڭز ياقتۇرغان شەكلدىكىنى چۈشرىپ ئىشلەتسڭىزمۇ بولىدۇ ، لكىن چۈشۈرگەندە فورماتىغا دىققەت قىلىڭ .
2.قەدەم
ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقى ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبىنىڭ خاسلىق كودى يىزىش بۆلىكىگە تۆۋەندىكى كودنى يىزىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرسىڭىز بولىدۇ
ئەگەر ئۇسلۇبىڭىزنىڭ تەڭشىكىدە خاسلىق كودى يىزىش بۆلىكى بولمىسا ئۇسلۇب ئىچىدكى Header.php ھۆججىتىنىڭ ئىچىدىكى head/ قىسمىنىڭ ئالدىغا قويىمىز .
body {
cursor: url("https://www.shiftt.cn/Help.cur"), auto;
}
a:hover{
cursor: url("https://www.shiftt.cn/Hand.cur"),pointer;
}
بىلوگىر تېخنىكا مۇنبىرىمىز تەرجىمە قىلغان زىبىل ئۇسلۇبىنىڭ تەڭشەش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي ، تەڭشەك ئىچىدكى خاسلىق كودى يىزىش بۆلىكىدىكى 自定义CSS样式 قىسمىغا يىزىپ قويساقلا ، توربىكتىمىزدە يۇقارقى مائۇس سىنبەلگسنى ئۆزگەرتىش مەشغۇلاتىنى قىلالايمىز .
ئىزاھات : ھۆجەتنى چۈشىرپ بولۇپ ئۆزىڭىزنىڭ مۇلازىمىترىغا ۋە ياكى يۇقىتى سۈرئەتلىك تور بوشلۇقىڭىزغا چىقىرىپ بولۇپ ئاندىن ئۇلانمىسنى يىزىپ قويسڭىز بولىدۇ .
مەزمۇن ئىچىدكى https://www.shiftt.cn/Help.cur بولسا بىزنىڭ بىلوگدىكى مائۇسنىڭ ئادەتتكى ھالىتى ھۆججىتنىڭ مۇقىم ئۇرنى ، https://www.shiftt.cn/Hand.cur بولسا مائۇسنىڭ ئۇلانما ئۈستىگە كەلگەندە كۆرىنىدغان ھالىتى .
ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ بىلوگىغا ئوڭۇشلۇق ھالدا كىرگۈزەلىگەن بولسڭىز مەزكۇر يازمامنى ھەمبەھرلەپ قويۇڭ ، بىلەلمىگەن ياكى قىلالمىغان ئورۇنلار بولسا مەزكۇر يازما ئاستىغا ئىنكاسىڭىزنى يىزىپ قويۇڭ ~~
ئاپتور : بىلوگىر
ئەگەر مۇنبىرىمىز يازمىلىرىنى ياقتۇرۇپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىپ سالونىڭىزنى ئاق تىزىملىككە كىرگۈزىۋىلىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يوللاڭ
تىزىملاش
تىز ئۇسۇلدا كىرىش