ۋوردپىرىس بىلوگىغا CDN ئۇلاش دەرىسلىكى

سالام تورداشلار ...

بۈگۈن سىلەرگە ۋوردپىرس بىلوگ توربىتىگە CDN ئۇلاش توغرىسدا سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن .

ئالدى بىلەن بىز CDN دىگەن سۆزنىڭ مەنسنى ۋە ئىقتدار چۈشەندۈرلىشى ھەققدە تونشۇپ ئۆتەيلى . CDN دىگەن نىمە ، ئۇنىڭ قانداق رولى ۋە پايدىسى بار ؟

图片[1]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا CDN ئۇلاش دەرىسلىكى-Bloger

CDNنىڭ تولۇق ئاتىلىشى Content Delivery Network يەنى مەزمۇن تارقىتىش تورى. CDN بولسا ھازىرقى تور ئاساسىدا قۇرۇلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەۋھۇم تور، ھەر قايسى جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يان مۇلازىمېتىرغا تايىنىپ، مەركىزىي سۇپىنىڭ يۈك تەڭپۇڭلۇقى، مەزمۇن تارقىتىش، تەڭشەش قاتارلىق ئىقتىدار مودۇلى ئارقىلىق، ئابونتلارنى يېقىن ئەتراپتا ئېھتىياجلىق بولغان مەزمۇنلارغا ئېرىشتۈرۈپ، تور توسۇلۇشنى تۆۋەنلىتىپ، ئابونتلارنىڭ زىيارەت قىلىشقا ئىنكاس قايتۇرۇش سۈرئىتى ۋە نىشانغا تېگىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. CDN نىڭ ھالقىلىق تېخنىكىلىرىدىن ئاساسلىقى مەزمۇن ساقلاش ۋە تارقىتىش تېخنىكىسى بار.

بىز بۇ ئىقتدارنى قانداق چۈشەنسەك بولىدۇ ؟

مىسال : مەسلەن سىزنىڭ مۇلازىمىترىڭىزنىڭ سەپلىمىسى تۆۋەن ، 1Ghz 2G 1Mb سەپلىمدىكى بىر ئادەتتكى مۇلازىمىتىر دەپ تۇرايلى ، بۇ مۇلازىمىترنىڭ تور سۈرئىتى ئاستا ، مەزمۇن بىرتەرەپ قىلىش سۈرئىتىمۇ ئادەتتىكىچە ، كۆپرەك ئابونىتلار زىيارەت قىلغان ۋاقىتتمۇ توسۇلۇش ئەھۋاللىرى يۈز بىرىدۇدە ، مۇلازىمىتىرنىڭ يۈكى ئارتىپ كىتىپ توربەت ۋە ياكى ئەپچاق قاتارلىقلار نورمال كۆرۈنمەيدغان ئەھۋاللار يۈز بىرىدۇ .

مەسلەن : بىر توربەتتە 20 پارچە رەسىم بار دەپ تۇرايلى ، ھەر بىر رەسمنىڭ چوڭلىقى 1Mb ئەپ چۆرىسىدە ، ئادەتتكى سەپلىمدكى مۇلازىمىتردا ئىجىرا قىلىپ بۇ توربەتنىڭ تولۇق ئىچىلپ بولىشى ئۈچۈن بىز ئاز دىگەندىمۇ 10-20 سىكۇنىتقىچە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ۋاقىت سەرىپ قىلىمىز .

ئەگەر مۇشۇ توربەتكە CDN ئىقتدارنى قوشۇپ ، تور ئىقىمى كۆپ سەرىپ بولىدغان رەسىملەرنى مەزمۇن تارقىتىش تور بوشلۇقىغا چىقارغاندىن كىيىن مۇلازىمتردا ئىجرا قىلساق بۇ توربەتنىڭ تولۇق ئىچىلىپ بولىشى ئۈچۈن ئەڭ كۆپ دىگەندىمۇ 5 سىكۇنىت كىتىدۇ .

图片[2]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا CDN ئۇلاش دەرىسلىكى-Bloger

ھىساپتا بىز CDN ئىقتدارىدىن پايدىلىنىپ ئابونىتلارنىڭ توربەتتكى مەزمۇنلارنى يۈكلىشى ئۈچۈن كىتىدغان يولىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈردۇق دىسەك بولىدۇ ، خۇددى توربەت مەزمۇنى ئىچىدكى رەسملەرنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولىغا چىقتى دىيشكە بولىدۇ ، سۈرئەت ناھايىتى تېز ، ئۆزىمىزنىڭ مۇلازىمىترىغا ئىلىپ كىلىدغان يۈك تەڭپۇڭلىقىنى كۆرنەرلىك ھالدا تۆۋەنلىتەلەيمىز .

ئەمدى بىز قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ ، بىلوگقا قانداق قىلىپ CDN ئىقتدارى قوشۇشنى سۆزلەپ ئۆتەيلى !!!

 

ۋوردپىرىسكە CDN ئىقتىدارى ئۇلاش 

كىتەرلىك ماتىرياللار

ۋوردپىرىس + تورنامى + SSL

ئالدى بىلەن بىزنىڭ ۋوردپىرىس ئارقا سۇپىمىز نورمال بولىشى كىرەك ، ئەگەر ۋوردپىرىس قاچىلىمىغان بولىسڭىز ئاستىدكى ئۇلانمىنى چىكىپ ئالدىنقى ھەپتىدكى ۋوردپىرىس بىلوگى قۇرۇش دەرسىمىزدىن ئۈگۈنىۋىلىڭ .

ۋوردپىرسكە CDN ئىقتدارى ۋە باشقا كىرەكلىك ئىقتدارلارنى قوشۇش ، بىلوگنىڭ ئىقتىدارلىرىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەن سىلەرگە WPJAM BASIC قىستۇرمىسنى تەۋسىيە قىلىمەن ، بۇ قىستۇرمىدا بىز بىلوگدىكى كۆپىنچە تېزلەشتۈرۈش ئۇسۇللىرى ۋە ئىقتدارلىرىنى ئىشلتەلەيمىز .

بىز ئاۋال ۋوردپىرىس قىستۇرما ئىزدەش كۆزنىكىگە WPJAM BASIC دەپ يىزىپ ئىزدىگەندىن كىيىن ، مەزكۇر قىستۇرمىنى تاپالايمىز ھەمدە مۇشۇ قىستۇرمىنى قاچىلايمىز .

ئاندىن قىستۇرمىنىڭ تېخمۇ كۆپ ئىقتدارلىرىنى ئىچىش ئۈچۈن بىز قىستۇرما ئاچقۇچنىڭ سالوننى قوشۇپ تەستىق كودنى دەللىگەندىن كىيىن قىستۇرمنىڭ بارىلىق ئىقتدارلىرى ئىچىلدۇ ، ئاندىن بىز ئاستا ئاستا تەڭشەش ئىلىپ بارساق بولىدۇ .

图片[3]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا CDN ئۇلاش دەرىسلىكى-Bloger

قىستۇرمىنى قوزغتىپ بولغاندىن كىيىن بىز قىستۇرمىدكى CDN加速 دىگەن بۆلەككە كىلىمىز ، بۇيەردە بىز ئۆزىمىزگە قايسى مۇلازمىتر مۇلازىمەت شىركىتنىڭ ئوڭ كەلسە شۇنى تاللاپ ئىشلەتسەك بولىدۇ ، مەن تىڭشۈن مۇلازمىترى ئىشلىتمەن شۇڭا تىڭشۈن COS مەزمۇن ساقلاش بوشلۇقىدىن پايدلاندىم ، ئەگەر سىلەر ئالىيۈن مۇلازىمترى ئىشلەتسەڭلا ئالىيۈننىڭ OSS بوشلۇقىدىن پايدلانساڭلارمۇ بولىدۇ ، بۇ پەقەت تاللاش ، سىزگە قايسى ئاسان ۋە ئوڭ كەلسە شۇنى تاللاپ ئىشلەتسڭىز بولىدۇ .

1. مەزمۇن ساقلاش بوشلۇقى قۇرۇش 

 

ئەڭ ئاۋال تىڭشۈن مۇلازمىتر باشقۇرۇش سۇپىسغا چىقىپ 对象存储 مەزمۇن ساقلاش بوشلۇقى قۇرىمىز ، بۇنىڭغا ھەق ئىلىنمايدۇ . 

图片[4]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا CDN ئۇلاش دەرىسلىكى-Bloger

ئەگەر باشقۇرۇش سۇپسدىن ئاسان ئىزدەپ تاپالمسڭىز بارلىق مۇلازمەتلەر ئىچدىن 对象存储 دىگەن خەتنى ئىزدەش ئارقىلق ئاچسىڭىز بولىدۇ .

ئارقىدىن بىز مەزمۇن ساقلاش بوشلۇق سۇپىسدىن بىرتال بوشلۇق قۇرىمىز ، ئىسمنى ئۆزۈڭلارنىڭ خالىغىنچە قويساڭلار بولىدۇ ، كىچىك ھەرىپتە قويشىمىز كىرەك ، باشقا ھەرىپ بەلگلە بولمسۇن . ئارقدىن بوشلۇق خاسلقىنى ھەممە كۆرەلەيدغان ئۆزىڭىزلا مەزمۇن چىقىرالايدغان ھوقۇقى بىرىسىز .

图片[5]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا CDN ئۇلاش دەرىسلىكى-Bloger

بوشلۇق قۇرۇلغاندىن كىيىن ، بىز بۇ بوشلۇقنى ئۆزىمىزنىڭ بىلوگ ئادىرىىسىغا قايتىدغان قىلىپ تەڭشەيمىز ، ئاندىن مۇقۇملاشتۇرساقلا بولىدۇ ، باشقا تەڭشەكلەرنى ئىچىپ قويماڭ ياكى ئىتىپ قويماڭ ، سۈكۈتتكى ھالىتى بولسلا بولىدۇ .

图片[6]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا CDN ئۇلاش دەرىسلىكى-Bloger

مەزمۇنلارنى بوشلۇققا ساقلاش قائىدىسى تاماملاندى ئەمدى CDN ئىقتدارىنى ئاچىمىز .

بۇيەرگە بىز ئۆزىمىزنىڭ ئايرىم سۈرئەت تىزلەشتۈرۈش تورناممىزنى ئىشلىتىشمىز ئۈچۈن بىردانە تورنامى سەرىپ قىلىمىز ، مۇلازىمىتر باشقۇرۇش سۇپىسدىن بىرتال ئىككىنجى دەرىجىلىك تورنامى ئاجىرىتىپلا ئىشلەتسەك بولىدۇ ، ئىسىمنى ئۆزىڭىز خالىغان بويىچە قويىۋاسىڭىز بولىدۇ ، مەسىلەن بىزنىڭ ئورگان تور ئادىرسمىز www.shiftt.cn ، سۈرئەت تىزلەشتۈرۈش تور ئادىرسمىز cos.shiftt.cn ، مۇشىنڭدەك ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ئىسىم ئاجىراتسڭىز بولىدۇ .

ئاۋال مەزمۇن ساقلاش بوشلۇقى تەڭشىكى ئىچىگە ئۆزىڭىز ياقتۇرغان تور ئىسمى يازسىز ، سىزنىڭ تولدۇرغان بوشلۇق ئادىرسڭىزغا ئاساسەن بوشلۇق سۇپىسى سىزگە تورنامنى ئۇلايدغان CNAME ئادىرسى ھاسىل قىلىپ بىرىدۇ ، بۇ ئادىرسنى بىز تورنام تەڭشىكىگە كىرىپ مەزكۇر ئاجىرىتلغان تورنامنىڭ CNAME ئادىرسىغا يازىمىز ، ئاندىن بىزنىڭ ئۆز ئالدىمىزغا سۈرئەت تىزلەشتۈرۈش تورناممىز بار بولىدۇ .

图片[7]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا CDN ئۇلاش دەرىسلىكى-Bloger

图片[8]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا CDN ئۇلاش دەرىسلىكى-Bloger

ئەگەر ئارلىقتا سىزگە CDN مۇلازمىتى ئىچىڭ دەپ ئەسكەرتىش چىقسا ، ئۇدۇل ئاچسڭىز بولىۋىردۇ، ھازىر مەيلى تىڭشۈن بولامدۇ ياكى ئالىيۈن بولامدۇ ، ھەر ئىككلسدە ئوخشاش يىڭى ئىقتدارنى ئاچقانلارغا بىر يىللىق ھەقسز ئىقىم سوۋغا قىلىش پائالىيتى بار ، ئەگەر پائاليەت بولمسمۇ ئۆز ئالدڭىزغا ئاچسڭىز بولىۋىردۇ ، قىممەت ئەمەس 10 يۈەن ئىچىدكى بىرەسنى تاللاپ ئاچسڭىز بولىدۇ .

ئەگەر ئاۋال CDN مۇلازمىتىنى تەڭشەشكە توغرا كىلىپ قالسا ئاستىدكى بۆلەككە دىققەت قىلىڭ .

بۇ باسقۇچلارنى تاماملاپ بولغاندىن كىيىن ساقلىۋالىمىز . چوقۇم مەن كۆرسەتكەن ئۇسۇل ئارقىلىق توغرا مەشغۇلات قىلىڭ .

2. مەزمۇن تارقىتىش تورى تەڭشەش

 

توغرا ئاۋال بۇنى تەڭشەشتىن بۇرۇن SSL ئىلتماس قىلپ قويغاچ تۇرۇڭ ، تەڭشەپ بولغىچە تەستىقتىن ئۆتۈپ بولسا ئۇدۇللا قويۇپ Https كىلشىمنى ئىچىۋالىمىز .

بىز مەزمۇن تارقتىش تورى باشقۇرۇش سۇپىسىغا كىرىپ ، تورنامى باشقۇرۇش كۆزنىكگە ئۆتىمىز ، ئاندىن بۇيەردىن ئۆزىمىزنىڭ بايا ئاجراتقان تورنامىنى توغرا ئۇسۇلدا ئۇلىساقلا بولىدۇ .

图片[9]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا CDN ئۇلاش دەرىسلىكى-Bloger

تورنامنى يازغاندىن كىيىن بىز ئاستدىن ئۆزىمىزنىڭ بايا قۇرغان ساقلاش بوشلۇقىمىزنى تاللساقلا بولىدۇ ، ئاندىن مۇقۇملاشتۇرغاندىن كىيىن ئارقىغا قايتىپ بىزگە بايقى CNAME ئادىرسنى ھاسىل قىلىپ بىرىدۇ .ئالددىكى باسقۇچتا ئۇلاپ بولغان بولسڭىز قايتا ئۇلىمسڭىزمۇ بولىدۇ ، ئىككىسى بىر ئادىرىس .

ئەمدى بىز تورناممىزنىڭ Https كىلشىمىنى ئىچىپ قويساقلا بولىدۇ . ئەگەر سىزنىڭ تورنامىڭىزمۇ تىڭشۈن ئىچىدە بولسا ئۇدۇللا كىلشىمنامە قىسقا ئادرسنى كۆرستىپ قويسڭىزلا بولىدۇ ، ئۇنداق بولمغاندا چوقۇم يەرلككە چۈشىرىپ بولغاندىن كىيىن كىلشمنامە ئۇچۇرلىرنى تولدۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ ، ئاخىرىدا Http2.0 ئىقتدارىنمۇ ئىچىۋىتشنى ئۇنۇتماڭ .

图片[10]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا CDN ئۇلاش دەرىسلىكى-Bloger

图片[11]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا CDN ئۇلاش دەرىسلىكى-Bloger

شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ ئاساسلىق تەڭشەش خىزمىتىمىز ئاياغلاشتى ، ئۆزىمىزنىڭ CDN سۈرئەت تىزلەشتۈرۈش تورنامى بار بولدى !

3. ۋوردپىرىستكى تەڭشەك

بارلىق تەڭشەكلەر تامانلاندى ئەمدى  بىز يۇقىردا تەڭشگەنلىرىمىزنى ۋوردپىرس ئىچدە تونۇتۇپ ئىجرا قىلدۇرساقلا بولىدۇ .

图片[12]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا CDN ئۇلاش دەرىسلىكى-Bloger

图片[13]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا CDN ئۇلاش دەرىسلىكى-Bloger

图片[14]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا CDN ئۇلاش دەرىسلىكى-Bloger

شۇنداق قىلىپ بارلىق تەڭشەش خىزمەتلىرى تاماملاندى ، سىزنىڭ ۋوردپىرس بىلوگىڭىزدىكى مىدىيا رەسملىرىنىڭ ئادرسى ئاستا ئاستا بوشلۇق سۇپىسىغا كۆچۈرلۈپ بارىدۇ ، ۋوردپىرس تەڭشىكنى تاماملىغاندىن كىيىنلا ئۇدۇل بەتنىڭ سۈرئىتىنى سىنماڭ ، چوقۇم بارلىق رەسملەر يۇقىرى سۈرئەتلىك بوشلۇققا كۆچۈپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن سىنىسڭىزمۇ كىچىكمەيسىز . بۇ جەريانغا ئازتولا ۋاقىت كىتدۇ ، ئەلۋەتتە بۇ سىزنىڭ بىلوگىڭىزدىكى رەسمنىڭ ئاز كۆپلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .

图片[15]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا CDN ئۇلاش دەرىسلىكى-Bloger

نەتىجە : يۇقارقى رەسىمنىڭ كونا يىڭى ئادرستكى ئۇلانما سۈرئىتى مىسال قىلندى .

رەسىمنىڭ كونا ئادىرسى :

https://www.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/03/Shift1.png

رەسىمنىڭ يىڭى ئادىرىسى :

https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/03/Shift1.png

ئۇلانما ھالىتدە قويمىدىم ، ئۆزىڭىز ئادرسنى كۆچۈرۈپ توركۆرگۈچتە ئىچىلىش سۈرئىتىنى سىناپ بىقىڭ ~~

 

ئىزاھات : 

تەسۋىيەرىم ئاز كەم يىرىم سائەتلەردىن كىيىن توركۆرگۈچىڭىزدىكى قالدۇقلارنى تازلىۋىتىپ ئاندىن قايتا توربەتنى ئىچىپ سىناڭ ، ئەگەر بىلوگىڭىزدىكى ئۇسلۇب تەڭشەكلىرىدە يەنىلا بۇرۇنقى مىدىيا رەسملىرنىڭ ئادرسى ساقلنىپ قالغان بولسا ، قايتدىن يىڭىلاپ ، ساقلىۋەتكەندىن كىيىن ئاندىن توربىتڭىز سۈرئىتىنى قايتا سىناپ بىقىڭ ، چوقۇم ئۈنۈمىنى كۆرىسىز .

دەرسنى تەپسلىي كۆرگىنڭىزگە رەھمەت ، ئەگەر سىزگە ياردىمى تەگكەن بولسا دوستلىرڭىزغا ۋە چەمبىرەككە ھەمبەھىرلەپ قويشڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن ❤

تېخىمۇ كۆپ تېخنىكا بىلىملىرىغا ئىگە بولماقچى بولسڭىز

 بىلوگىر تېخنىكا مۇنبىرىغا كلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن !!!

图片[16]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا CDN ئۇلاش دەرىسلىكى-Bloger

ۋوردپىرىس بىلوگىغا CDN ئۇلاش دەرىسلىكى-Bloger
ۋوردپىرىس بىلوگىغا CDN ئۇلاش دەرىسلىكى
此内容为付费阅读,请付费后查看
6
付费阅读
已售 7
© نەشىر ھوقۇق باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ
ياقتۇرۇش 1 ھەمبەھىرلەش
مۇنازىرە رايونى ئىنكاس قالدۇرۇڭ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يوللاڭ

    ھازىرچە ئىنكاس يوق