بىز مەزمۇن تەھرىرلىگەندە چوقۇم رەسىم ۋىدىئو قاتارلىق مىديالارنى ئارقا سۇپىغا چىقرىپ بولۇپ ئاندىن مەزمۇن ئىچىگە قويشىمىزگە توغرا كىلىدۇ ، ۋوردپىرس ئارقا سۇپىغا چىقىرلغان رەسىملەر بىزنىڭ شۇ رەسمنى چىقارغان ۋاقتىمىزنى بىرلىك قىلغان ھالەتتە رەت تەرتىپكە تىزىلىدۇ .
بەزىدە سىز بىرە ئاي ئىلگىركى 5،6 پارچە رەسمنى ئوخشمايدغان ئورۇنلارغا قويماقچى بولغنىڭىزدا چوقۇم مىدىيا كۆزنىكنى ئىچىپ نۇرغۇنلىغان رەسىملەرنى ئاستىغا ىسيرىپ بىر پارچىدىن تاللاپ تۇرۇپ ئەكىرشىمىزگە توغرا كىلىدۇ .
بۇنى ئاسانلا ھەل قىلدغان خىلى كۆپ قىستۇرمىلار بار : FileBird ، Media Library قاتارلىق قىستۇرمىلار مۇشۇ يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتكەن ئاۋارچىلىقلارنى ھەل قىلالايدۇ .
قىستۇرما قاچىلاش كۆزنىكگە يۇقىردىكى ئىككى قىسۇرمنىڭ ئىسمنى بىسىپ ئىزدەپ قاچىلۋالسىڭىز بولىدۇ ، راستىنلا قولايلىق .
ئىلگىرى بۇ قىستۇرمىلار ھەقسىز نۇسقىسدا مەزمۇن تەھرىرلىگەندىمۇ ئۆزىمىز قۇرغان ھۆججەت ئىچىدكى رەسملەرنى تاللاپ ئەكىرگىلى بولاتتى ، لىكىن ھازىر نەشىرى يىڭلانغاندىن كيىن مەزمۇن تەھرىرلىگەندە ھۆججەت خالتىسى تىزىملىكى چىقمايدغان بولۇپ قاپتۇ ، بىراق ئارقا سۇپا باش بىتدە تۇرۇپ مەزمۇنلارنى ئايرىم ھۆججەت خالتىلىرغا بۆلگىلى بولىدۇ ، مەزمۇن ئىچىدلا ئەكىرىش سەل ئاۋارچىلىققا توختاپ قالدىكەن .
قىستۇرمىنى ئۆزىڭىز ۋوردپرىس قىستۇرما بازىردىن ئىزدەپ قاچىلۋالسڭىزمۇ بولىدۇ ، ۋە ياكى ئاستىدكى ئىقتدارى ئاشۇرۇلغان نەشىرىنى سىتىۋلىپ چۈشىرپ ئۇدۇل قاچىلسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ئاستىدكىسى ئىقتدارى ئاشۇرۇلغان 4.4 نەشىرى .
ئەگەر مۇنبىرىمىز يازمىلىرىنى ياقتۇرۇپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىپ سالونىڭىزنى ئاق تىزىملىككە كىرگۈزىۋىلىڭ
ھازىرچە ئىنكاس يوق