بىز مەزمۇن تەھرىرلىگەندە چوقۇم رەسىم ، ۋىدىئو قاتارلىق مىديالارنى ئارقا سۇپىغا چىقرىپ بولۇپ ئاندىن مەزمۇن ئىچىگە قويشىمىزگە توغرا كىلىدۇ ، ۋوردپىرس ئارقا سۇپىغا چىقىرلغان رەسىملەر بىزنىڭ شۇ رەسمنى چىقارغان ۋاقتىمىزنى بىرلىك قىلغان ھالەتتە رەت تەرتىپكە تىزىلىدۇ .
بەزىدە بىرە ئاي ئىلگىركى 5،6 پارچە رەسمنى ئوخشمايدغان ئورۇنلارغا قويماقچى بولغنىڭىزدا چوقۇم مىدىيا كۆزنىكنى ئىچىپ نۇرغۇنلىغان رەسىملەرنى ئاستىغا سيرىپ بىر پارچىدىن تاللاپ تۇرۇپ ئەكىرشىمىزگە توغرا كىلىدۇ .
ئەلۋەتتە بۇنداق مەسىلىگە يولۇققاندا ھەممىلا ئادەم ئاۋارچىلىق ھىس قىلىدۇ ~~
بۇ مەسىلىنى File Bird Pro قىستۇرمىسى ئارقىلىق ئاسانلا ھەل قىلالايسىز ، مىدىيالارنى ئۆزىڭىزنىڭ كومپىيۇتىرىدا ھۆججەت خالتىسى ئىچىدە ساقلىغاندەك ناھايىتى ئەپلىك ۋە ئاسان ئۇسۇلدا باشقۇرۇپ تۇرالايسىز ، مەيلى ۋوردپىرىس تەڭشەك ئىچىدىكى ئورۇن بولسۇن ۋە ياكى مەزمۇن تەھرىرلەش بەتلىرى ئىچىدىكى مىدىيا تاللاش كۆزنىكى بولسۇن ، بۇ قىستۇرما ئارقلىق توربەتتكى رەسىم ، ۋىدىئو قاتارلىق ھۆججەتلەرنى بىمالال تىز سۈرئەتتە تاللاپ ئەكىرەلەيسىز .
مەزكۇر قىستۇرمىنىڭ ئەڭ يىڭى نەشىرى 5.0.1 يىشۋىتىلگەن نۇسقىسى ئورگان تورىمىزدا ئىلان قىلىندى ، ئىھتىياجلىق تورداشلار چۈشىرىپ قاچىلاپ سىناپ كۆرسەڭلار بولىدۇ .
ئەگەر مۇنبىرىمىز يازمىلىرىنى ياقتۇرۇپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىپ سالونىڭىزنى ئاق تىزىملىككە كىرگۈزىۋىلىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يوللاڭ
تىزىملاش
تىز ئۇسۇلدا كىرىش